باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېنگالدا چوڭ بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 175 ئادەم قازا قىلدى

2013.04.26 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېنگال تاراتقۇلىرىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى مەلۇماتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بېنگال پەيتەختى داككا شەھىرىگە يېقىن ساۋال بازىرىدا 24-ئاپرېل بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 175 ئادەم قازا قىلغان. بۇ بېنگالدا تارىختىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈ ۋەقەسى. تىراگىدىيە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېنگال ھۆكۈمىتى 25- ئاپرېل مەملىكەت بويىچە ماتەم بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ساۋال بازىرىدىكى ساقچى مەھكىمىسىگە قاراشلىق مەسئول كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، 25- ئاپرېل چۈش سائەت 11:30 ئۆتكىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا 175 جەسەت بايقالغان، 140 نەپەر جەسەت ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

  قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئول بېنگال قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 9-ئەترەتنىڭ بېرېگادا گېنىرالى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بارلىق قالدۇقلىرىنى پاكپاكىزە تۈگەتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈگەن ۋە 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان (مۇخبىر گاۋ يۈ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە