جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى تاپشۇرۇۋالغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە پۇلى 180 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى
2013.04.27 16:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 26-چېسلا جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: لۇشەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 25-ئاپرىل كەچكە قەدەر فوندى جەمئىيىتىمىز ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا 20 مىليون 367 مىڭ 400 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيانى يۆتكىدى. 26-چېسلا چۈشتىن بۇرۇنغا قەدەر، فوندى جەمئىيىتىمىز جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىن 184 مىليون 325 مىڭ 600 يۈەن ئىئانە پۇل ۋە 50 مىليون 694 مىڭ 100 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيا تاپشۇرۇۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}