- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىككى ئالىي مەھكىمە ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇردى
2013.04.27 16:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپىرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 26-چېسلا بىرلىكتە «قاقتى-سوقتى قىلىشقا چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرگەندە قانۇن تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات»نى ئېلان قىلىپ، 9 ماددا بويىچە ئىزاھات بېرىپ، زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى.
ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا ئاساسلىقى قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىنى بېكىتىشنىڭ «سوممىسى بىر قەدەر كۆپ»، «سوممىسى ناھايىتى كۆپ» ۋە «سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ» دېگەن ئۈچ ئۆلچىمى، قاقتى-سوقتى قىلىش «سوممىسى بىر قەدەر كۆپ» ئالاھىدە دېلونى بېكىتىش ئۆلچىمى، «كۆپ قېتىم قاقتى-سوقتى قىلىش» دېلوسىنى بېكىتىش، قاقتى-سوقتى قىلىشقا ياتىدىغان «باشقا ئېغىر قىلمىشلار» ۋە «باشقا ئالاھىدە ئېغىر قىلمىشلار»نى بېكىتىش، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتىگە ھۆكۈم چىقارغاندا قويۇلىدىغان جەرىمانىنى بېكىتىش ئۆلچىمى قاتارلىقلار بەلگىلەندى. (مۇخبىر شۈ جۈەن، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە