سىچۇەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 27-ئاپرېل لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قىرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ
2013.04.26 16:23 مەنبە: خەلق تورى
سىچۇەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىچۇەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 25-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 20-ئاپرېل لۇشەندىكى يەتتە بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قىرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 27-ئاپرېلنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ تەزىيە كۈنى قىلىشنى قارار قىلغان.
27-چېسلا، سىچۇەن ئۆلكىسىدە ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى توختىتىلىدىكەن، سائەت 8دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى خەلق 3 مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرىدىكەن، ئاپتوموبىل، پاراخۇتلار گۈدۈك چېلىپ، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە