باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇيجۇ بىجې شەھىرىدە تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ، 3 ئادەم قازا قىلىپ، بەش ئادەم قاپسىلىپ قالدى

2013.04.28 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 27-ئاپرېل سائەت 12 دىن 50 مىىنۇت ئۆتكەندە، گۇيجۇ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرىنىڭ چىشىڭگۈەن رايونى ئاشى يېزىسى ماۋو كەنتىدە تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ، ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ ، بەش ئادەم قاپسىلىپ قالدى.

  مۇخبىرنىڭ چىشىڭگۈەن رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىجيې شەھىرى ۋە چىشىڭگۈەن رايونىدىكى كادىر، ئامما، ج خ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىمى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى. ھازىرغىچە تېپىلغان ئۈچ ئادەمدىن ئىككىسى نەق مەيداندا قازا قىلىپ، بىر ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش يولىدا قازا قىلغان.

  بىجيې شەھىرى ۋە چىشىڭگۈەن رايونى نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، نەق مەيدان تەرتىپىنى ساقلاش گۇرۇپپىسى قاتارلىق قۇتقۇزۇش كۈچلىرى بار ئىكەن. نۆۋەتتە ئىزدەش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە