26-ئاپرېل، سىچۇەن ئۆلكىسى مېيشەن شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسىدا، كىشىلەر ياڭ بو ۋە لى تاڭدۇڭ قاتارلىق قۇربان بولغان جەڭچىلەر بىلەن خوشلاشتى. شۇ كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «20-ئاپرېل» 7 بال قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە قۇربان بولغان ياڭ بو ۋە لى تاڭدۇڭنىڭ دەپنە مۇراسىمى سىچۇەن ئۆلكىسى مېيشەن شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بۇ باتۇر ئەزىمەتلەرنى ئۇزىتىشقا قاتناشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)