باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.05.02 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگىنىغا كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى سېپى، ھەر قايسى ساھەسى، ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

  باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگىنى بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 65 ئەمگەك نەمۇنىچىسىنىڭ مەيدىسىگە تۈرلۈك مېداللار تاقالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 84 ياش، ئەڭ كىچىكى 25 ياش. داچىڭ نېفىتلىكى1205- بۇرغىلاش ئەترىتى تۆمۈر ئادەم ۋاڭ جىنشى يېتەكلىگەن ئەترەت؛ ئۇ داچىڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھىنىڭ مەنبەسى. 2009-يىلى9-ئاينىڭ 21- كۈنى شى جىنپىڭ بۇ ئەترەتنىڭ بۇرغىلاش سۇپىسىغا بېرىپ، بۇرغىلاش ئىشچىلىرىنى تۆمۈر ئادەم روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، قىزىل بايراقنى داۋاملىق جەۋلان قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئەترەت باشلىقى خۇ جىچياڭ باش سېكرىتارنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە سىزگە مۇنداق دوكلات بېرىمەن: بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قېزىش سۈرئىتىمىز 23 مىليون 448 مىڭ 96 مېتىر ئىدى، ھازىر يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تۈنۈگۈنگىچە قېدىرىش سۈرئىتىمىز 25 مىليون 798 مىڭ 66 مېتىرغا يەتتى؛بۇ 291 چومىلاڭما چوققىسىنى قېدىرغانغا تەڭ. باش سېكرىتار شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شالغۇت شال ئاتىسى يۈەن لوڭپىڭنىڭ مۇنداق ئىككى غايىسى بار ئىدى.

  1.شال مايسىسىنى سالقىنلاشتۇرۇش. غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەجرىبە ئېتىزىدا ئادەتتىن تاشقىرى شالغۇت شال كۆممە قوناقتەك شۇنچە ئېگىز ، شال باشىقى شۇنچە ئۇزۇن ئۆسكەن، دېنى خاسىڭ مېغىزىدەك چوڭ ئىدى. ئۇ شال مايسىسى ئاستىدا سەگىدەپ ئولتۇراتتى.

  2.شالغۇت شالنى يەر شارىدا ئومۇمىيلاشتۇرۇش. يۈەن لوڭپىڭ ئادەتتىن تاشقىرى شالغۇت شال رەسىمىنى باش سېكرىتارغا سۇنۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم ئالدىنقىسى ھەقىقىي ئارزۇيۇم ئىدى. كېيىنكىسى مېنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇيۇم . بۇ ئىككى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىرىشىمەن.

  يۈەن لوڭپىڭ ئۆستۈرگەن 3- باسقۇچلۇق ئادەتتىن تاشقىرى شالغۇت شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى900 كىلوگرامغا يەتكۈزۈش نىشانى مۇددەت بۇرۇن ئىشقا ئاشتى. بۇ يىل 4-ئايدا مو بېشى مەھسۇلاتى1000 كىلوگرامغا يېتىدىغان 4- باسقۇچلۇقلۇق ئادەتتىن تاشقىرى شالغۇت شالنى يېتىشتۈرۈش پىلانى يەنە يولغا قويۇلدى. باش سېكرىتار شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بۇ پېشقەدەم ئالىمنىڭ جاسارىتىنى قىزغىن ئالقىشلىدى. بۇ ئالقىش سادالىرى مويسىفىت يۈەن لوڭپىڭنىڭ مۇھىم تۆھپىسى، قېتىرقىنىپ ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن ياڭرىدى.

  ئىسلاھات ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى شىياڭ ناھىيىسى داجەي كەنتى ئىلگىرىكى نوقۇل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىپ پۇل تېپىشتىن كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆپ مەنبەلىك تۈزۈلمىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، كىشى بېشى كىرىمىنى 17 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە ياخشىلاندى.

  ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش يەتمەسلىكنىڭ ئاچقۇچى سىلەردە، باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ 4-ئاينىڭ باشلىرى خەينەن ئۆلكىسىنى تەكشۈرگەندە قىلغان بۇ سۆزى داجەي كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى گو فېڭليەنگە ئىنتايىن تەسىر قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىنتايىن سەمىمىي ئېيتىلغان سۆز. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن بىز دېھقانلار ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرشمىز كېرەك. بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنىڭ ئىشقا ئاشقان ۋاقتى دەل جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشقان كۈنى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيىنىڭ سىياسىتى ئىنتايىن ياخشى بولدى. يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز بولدى. كونا ئىنقىلابى بازىلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا، نامرات رايونلىرىغا بولغان يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يىل مەن 68 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ئۆزۈمنى يەنىلا ياشتەك ھېس قىلىمەن، يەنىلا تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  گو فېڭليەن باش سېكرىتارنىڭ داجەي كەنتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. باش سېكرىتار بۇ تۆمۈر قىزغا قاراپ مۇنداق دېدى: 1974-يىلى مەنمۇ ئەترەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ناھىيە داجەينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىگەن ئىدى، مەنمۇ تىزىملاتتىم. نەتىجىدە كەنتىمىزدە جىددىي ئىش بولۇپ قىلىپ بارالمىغان ئىدىم. پۇرسەت بولسا بېرىپ، ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ باقىمەن.

  باش سېكرىتار مۇلايىملىق بىلەن ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرگە سەمىمىي كۆڭۈل بولدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن ئىلھاملاندۇردى. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بەس بەستە سۆز قىلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى، سەككىز ئەمگەك نەمۇنىچىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە ئارىلاپ ئارىلاپ سۆز قىلدى. يىغىن زالى ئىنتايىن جانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە