باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-مايلىق ئارام ئېلىشتا مەملىكەت بويىچە قاتناش تەرتىپى ياخشى بولدى

2013.05.02 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 1-ماي بايراملىق ئارام ئېلىشتا جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرغان، مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت تەرتىپى مۇقىم، قاتناش تەرتىپى ياخشى بولغان.

  پىكاپلار ھەقسىز يۈرۈش سىياسىتى، ھاۋا ئىللىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بۇ يىل 1-ماي جەريانىدا يوللاردا ئاپتوموبىللار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى كۈندە ۋىدىيولۇق يىغىن ئېچىپ يېتەكچىلىكنى كۈچەيتكەن، بايرام مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە تېز سۈرئەتلىك تاشيول، غول لىنىيەلىك ئۆلكە يوللىرىدا قاتناش ئاساسەن راۋان بولغان، ئۇزاق ۋاقىت، چوڭ دائىرىدە قاتناش توسۇلۇش كۆرۈلمىگەن، پەۋقۇلئاددە چوڭ قاتناش ۋەقەلىرىمۇ كۆرۈلمىگەن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەملىكەت بويىچە ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلگەن قاتناش ۋەقەلىرى %43.2 چۈشكەن، قازا قىلغانلار %45.2 ئازايغان.

  بايرام مەزگىلىدە جايلار ئۆتكۈزگەن 511 مەيدان تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئوڭۇشلۇق بولدى، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چارلاش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ئومۇملۇقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، بېيجىڭ قاتارلىق مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق 4 شەھەرنىڭ 110 جىنايى ئىشلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلىش لىنىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 چۈشتى.

  جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك ئېلىپ بېرىپ، ئوت ئاپىتى خەتىرىنى ۋاقتىدا تۈگەتتى، مەملىكەت بويىچە كۆپ ئۆلۈم يىتىم بولغان چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە