باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۇ جېڭشېڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.28 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە مۇئاۋىن رەئىسى ئاشتۇن بىلەن كۆرۈشتى.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ھەرقايسىسى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ جۇڭگونى شەھەر بازارلاشتۇرۇش ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، جۇڭگو ياۋروپا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق غەلبە قىلىش ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ۋە ياۋروپا خەلقىگە بەخت يارىتىش شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم كۈچ، جۇڭگو ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇق كىرزىسى مەسىلىسىدىكى تىرىشچانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  ئاشتۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇساپىسىدىكى كۈچلۈك شېرىكى، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق، ياۋروپا ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە