باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ لۇشەندىكى ئاپەت بولغان جايلارغا ياردەم بېرىش ھېكايىسى

2013.05.02 10:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: مۇخبىر 27-ئاپرېل كەچتە لۇشەن ناھىيەسى لۇشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى زىيارەت قىلغاندا، بىر ئايال ئۇنىڭغا «كېلىڭ، نان يەڭ، يەنە پولۇمۇ بار» دېدى. بۇ يەردە قانداقسىگە شىنجاڭنىڭ نېنى پەيدا بولۇپ قالدى؟ مۇخبىر چېدىرلاردىكى چوڭلار، بالىلارنىڭ ھەقىقەتەن مەززىلىك نانلارنى يەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  مۇخبىر چېدىرنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئەر كىشىنىڭ ئاممىغا نان تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمى دىلشات ھەسەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدىكى بىر تاكسى شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئىدى. 20-ئاپرېل ئۈرۈمچى خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاشقازاننى كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئالدىدا تۇرغان دىلشاد ھەسەن لۇشەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئوپېراتسىيەنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاپەت بولغان جايلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن دوختۇرخانىدىن چىقىشنى ئىلتىماس قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن باي ناھىيەسىدىكى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشياسى تەييارلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. لېكىن، دوختۇرخانا ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىشىپ بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئارقىدىن، ئۇ ئاپەت بولغان جايغا بېرىش ئويىنى دوختۇرخانىغا ئېيتتى، دوختۇرخانا ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلدى. شۇ كۈنى، ئۇ كېچىلەپ مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول بېسىپ باي ناھىيەسىگە باردى.

  21-ئاپرېل سەھەردە، دىلشات خىزمەتچىلىرىنى نان سېتىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، 32 مىڭدىن ئارتۇق نان تەييارلىدى. 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، ئالتە شوپۇر، 15 توننىلىق بىر چوڭ ماشىنا ۋە بىر شىركەت ماشىنىسى دىلشات ھەم نەچچە يۈز خىزمەتچىنىڭ ئاپەت بولغان جايلاردىكى ئاممىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئېلىپ بايدىن يولغا چىقتى. يول ئازابى گۆر ئازابى دېگەندەك كېسىلى بار تۇرۇپ، يولدا ئېغىر جاپا تارتقان بولسىمۇ، لېكىن دىلشاد كالوننىڭ ئالدىدا ماڭدى. كالون لەنجۇغا يېتىپ كەلگەندە، كېسىلى ئېغىرلاشقان دىلشاد ماشىنىنىڭ سىلكىشىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئۇ ئىلاجىسىز ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ، چېڭدۇغا ئايروپىلان بىلەن باردى.

  ئۇلار 25-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە يول بېسىپ، شىنجاڭنىڭ 30 مىڭ نېنىنى لۇشەن ناھىيە بازىرىغا يەتكۈزدى. ئۇلاردىن بۇرۇن كېلىپ بولغان دىلشاد يەنە ئاپەت بولغان جايدىكى ئاممىغا قازان ئاسقۇدەك يەردە ئىزدىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن خىزمەتچىلەر بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا بېرىپ نان تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچ خىزمەتچىسىنى پولۇ ئېتىشكە ئورۇنلاشتۇردى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، دىلشات ۋە ئۇنىڭ سەككىز ھەمراھى ئاپەت بولغان جايلاردا ئالدىراش چېپىپ يۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە