باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېربىيە پارلامېنتى كوسوۋو بىلەن ئىمزالىغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

2013.04.28 15:11        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:سېربىيە پارلامېنتى 26-ئاپرېل ئۇزاق ۋاقىت مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن، 24 ئاۋازغا قارشى 173 ئاۋازنىڭ قوللىشىدەك نەتىجە بىلەن باش مىنىستىر داچىچ 19-ئاپرېل بېريۇسسىلدا كوسوۋو باش مىنىستىر ھاشىم بىلەن ئىمزالىغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.

  بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، كوسوۋونىڭ شىمالىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان سېرىپلار ئاھالىلىرى سەھىيە، مائارىپ، مۇداپىئە قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، كوسوۋو ساقچىلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن سېربىيەنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، سېرىپلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندا چارلاش ئېلىپ بارمايدۇ.

  بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەمەلدارى بۇ بىر بۆسۈش بولۇپ، رايون تىنچلىقىنى قوغداشقا ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە پايدىلىق دەپ ھېسابلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە