- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بارغانسېرى كۆپ بولغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جۇڭخۇا داڭلىق يېمەكلىكلىرى قاتارىغا كىردى
2013.05.02 10:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى موجيا كوچىسى يېمەك ئىچمەك يېمەكلىكلەر كوچىسىدا ئۆپكە ھېسىپ، قوتاز قېتىقى، قۇيماق، ساڭزا، قوي گۆشى، تونۇر كاۋاپ قاتارلىق مېززىلىك تائاملارنىڭ ھىدى بۇرنىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر قەدىمىنى توختىتىپ، ھەممىسىدىن ئازراقتىن تېتىپ باققۇسى كېلىدۇ.
2013-يىللىق جۇڭگو چىڭخەي خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى 30-ئاپرېل شىنىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، موجيا كوچىسىدىكى ماجۇڭ يېمەكلىكلەر شەھەرچىسىنىڭ مەسئۇل دىرېكتورى مالۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر نامىمىزنى ئاڭلاپ ماجۇڭ يېمەكلىكلىرىنى تېتىپ بېقىشقا كەلدى، ھازىر بىزنىڭ نۇرغۇن يېمەكلىكلىرىمىز «جۇڭخۇا داڭلىق يېمەكلىكلىرى» بولۇپ باھالاندى. تونۇر كاۋاپ، قوي گۆشى، لەڭپۇڭ قاتارلىقلار مېھمانلار ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان تائاملار.
چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاۋ زۇڭفۇ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئىسلام دىنىنىڭ «بېقىشنى ئاساس، پاكىز بولۇشنى ئەڭ مۇھىم، ئەخلاقنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە