باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «23-ئاپرېل ۋەقەسى»دە خىزمەت كۆرسەتكەنلەر تەقدىرلەندى

2013.05.02 11:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 23-ئاپرېل قەشقەر شەھىرىدە ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىنى پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر تەقدىرلەندى ھەمدە پارتىيە ئەزالىرى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قەھرىمانلىرىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىلدى. بۇندىن بۇرۇن قەشقەر ۋىلايىتى 23-ئاپرېل ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىدا قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

  دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي «شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سېرىق بۇيا ساقچىخانىسىغا كوللېكتىپ 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش ھەم رېن چاڭجۈ قاتارلىق 6 يولداشقا مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى بويىچە 2-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ شەرەپلىك نام بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇق»نى ئوقۇپ ئۆتتى.

  23-ئاپرېل جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ساقچىلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى. دېلونى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا 15 جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى، ياردەمچى ساقچى، مەھەللە كادىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، 2 جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى شەرەپ بىلەن يارىلاندى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تاھىر ئەمەت قاتارلىق 7 يولداشقا ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بەردى، ئەخمەت ئوبۇل قاتارلىق 4 يولداشقا ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بەردى. نۇرمۇھەممەد ئەمەت قاتارلىق 8 يولداشقا ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قەھرىمانى، خەلىل جېلىل قاتارلىق 5 يولداشقا ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بەردى ھەمدە رېن چاڭجۈ قاتارلىق 15 يولداشنى قەھرىمان دەپ بېكىتتى. خەتەرلىك كۈرەش داۋامىدا خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ليۇ چېڭ قاتارلىق 5 مۇنەۋۋەر كادىر ئۆستۈرۈلدى، ياقۇپ مۆمىن قاتارلىق 2 يولداش جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىقىغا قوبۇل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە