باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر يولداش نى جىفۇ بىلەن ۋىدالاشتى

2013.05.03 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 10-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 11-، 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 7-، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى يولداش نى جىفۇنىڭ جەسىتى 1-ماي بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلاب قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

  يولداش نى جىفۇ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 24-ئاپرېل سائەت 15 تە بېيجىڭدا 79 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى. يولداش نى جىفۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يولداش نى جىفۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  2-ماي چۈشتىن بۇرۇن باباۋشەن ئىنقىلاب قەبرىستانلىقىنىڭ زالى سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدى، مۇڭلۇق ماتەم مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالغا «يولداش نى جىفۇغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن خەت ۋە يولداش نى جىفۇنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان ئىدى. يولداش نى جىفۇنىڭ جەسىتى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئېسىلغان ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە يولداش نى جىفۇنىڭ جەسىتى ئالدىغا ئاستا كېلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش نى جىفۇنىڭ جەسىتىگە تازىم قىلدى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بېرىپ ۋىدالاشتى ياكى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، يولداش نى جىفۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، يۇرتداشلار ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ۋىدالاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە