- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ 11 قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللاردىن مۇھاپىزەت ھەققى ئېلىشنى توختاتتى
2013.05.06 14:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كۈرەش بابۇرېك قازاقىستان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ، ئۇنىڭ قازاقىستاننىڭ دوستيك چېگرا ئېغىزىدىن جۇڭگونىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىغا بېرىپ ، مال كىرگۈزىۋاتقىنىغا يەتتە ~ سەككىز يىل بولۇپ قالدى . ھەر قېتىم تاموژنىدىن ئۆتكەندە مۇھاپىزەت ھەققى تاپشۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان كۈرەش 17-ئاپرېلمۇ ئادىتى بويىچە ھەق تاپشۇرماقچى بولغاندا ، ئالاتاۋ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئەسكەردىن بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتى .
ئىلگىرى ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىدە بىخەتەر ۋە تېز بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئالاتاۋ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ كۈنى چېگرىدىن ئۆتۈپ بولالمىغان چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا مەخسۇس ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تەسىس قىلىپ ، چېگرىدىن كىرگەن قازاقىستاننىڭ بارلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېلىپ بارغان ، بۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ھەقنى ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋە خەلقئارا تىرانسىپورت شىركىتى تاپشۇرۇپ كەلگەن .
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، ئالاتاۋ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ چېگرا تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى كونكېرت تەدبىر ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، كېڭىشىش ئارقىلىق يۇقىرىقى ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇردى .
نۆۋەتتە ، شىنجاڭدىكى قورغاس ، قونجىراپ ، جىمنەي قاتارلىق 11 قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىمۇ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللاردىن مۇھاپىزەت ھەققى ئېلىشنى توختاتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە