بىر ھەپتىدە H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كېسەلدىن 19ى كۆپەيدى
2013.05.02 17:01 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 1-مايدىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 16 دىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 16 گىچە، مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغان H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كېسەل 19 غا يەتكەن. ھازىرغا قەدەر مەملىكەت بويىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنكېسەل سانى127 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 26 كېسەل ئۆلگەن، 26 كېسەل ساقايغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە