باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تىۋىشسىز پۇللىرى ئافغانىستاننىڭ يانچۇقىغا كىرمەكتە

2013.05.06 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇل بولسا شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالغىلى بولىدۇ، بۇ ھەجۋى سۆز پۇل بىلەن ئىش بېجىرىش ھەققىدىكى قەدىمىي ماقال، بۈگۈنكى كۈندە بۇ سۆز چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭمۇ ئافغانىستاندا نۇرغۇن سىناقتىن ئۆتكەن «ئىش يۈرۈشتۈرۈش»تىكى مىزانىغا ئايلاندى. بىر ھەپتە ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئون يىلدىن بۇيان ئافغانىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنى نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن مەخپىي تەمىنلەپ كەلگەنلىكى، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇنىڭغىمۇ جۆر بولىدىغانلار چىقتى، ئەنگلىيە ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىنىڭمۇ مۇشۇنداق پارا بەرگەنلىك قىلمىشى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭ بىلەن پىرېزىدېنت كارزايى بىر مەھەل جامائەت پىكرىنىڭ شامىلىغا كۆمۈلۈپ قالدى. كارزايى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى بۇ پۇللارنىڭ نەدىن كېلىپ، نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ، بىز بۇنى «تىۋىشسىز پۇل» دەپ ئاتىدۇق دېدى. بۇ ئىش تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كارزايى دەرھال بۇنىڭغا ئېنىقلىما بەردى. ئۇ بىر تەرەپتىن ھەقىقەتەن ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى بەرگەن پۇلنى ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى شۇنداقلا يەنە بۇ پۇللارنى بۇندىن بۇرۇن تاراتقۇلار خەۋەر قىلغاندەك ئافغانىستان يەرلىك مىلىتارىستلىرى، پارلامېنتنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئالىي ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە سالمىغانلىقى، باشقا ئىشقا ئىشلەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كارزايىنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، ئافغانىستان دۆلەتلىك بىخەتەرلىك كومىتېتى ھەقىقەتەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىن مەبلەغ ئالغان، لېكىن جىق ئەمەس ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورگانلارنىڭ چىقىمىنى يۈرۈشتۈرۈش، بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ۋە يارىدارلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلگەن. بۇ جاۋاب شۈبھىسىزكى ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنى رازى قىلالمىدى.

  پارلامېنت ئەزاسى بەختەلى قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا، پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاراتقۇلاردىن بۇرۇن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىمىز بار دېدى. 1-ماي بەزى پارلامېنت ئەزالىرى كارزايىدىن بۇ تىۋىشسىز پۇللارنىڭ ئېنىق سانى ۋە نەگە كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ھەم پارلامېنتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھازىرغىچە كارزايى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. بۇ پۇللارنى تەمىنلىگەن ئامېرىكا بۇ ھەقتە لام-جىم دېمىدى. ئاقساراي باياناتچىسى كارنىي قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ تىۋىشسىز پۇللار ھەققىدە گەپ قىلماي، پەقەت ئامېرىكا-ئافغانىستان ھەمكارلىقى چىقىش نۇقتىسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئىكەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەدىن ئۆز ئارا بەھرىمەن بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جالالنىڭ قارىشىچە، بۇ تىۋىشسىز پۇللار ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن شۇنداقلا چىرىكلىك قىلمىشىنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ پۇل سودىسى پۈتۈنلەي قانۇنسىز ھەم نازارەت قىلىنمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بەزى قارارلارنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بۇ پۇللار پەقەت ئافغانىستاننىڭ چىرىكلىك ئەھۋالىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ خالاس. چىرىكلىك-ئافغانىستاندىكى بىر چوڭ زەھەرلىك ئۆسمە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئافغانىستان-يەر شارىدىكى پارىخورلۇق ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن، يېرىمغا يېقىن پارىخورلۇق قىلمىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقىچە يامراپ كەتكەن. تىۋىشسىز پۇل ۋەقەسى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى خۇرسىنغان ھالدا، ئافغانىستان چىرىكلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى ئامېرىكا دېدى. كارزايىمۇ بۇنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى تاراتقۇلارغا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى قالايمىقان ئاچقانلىقىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كارزايى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى تۈرلۈك يەڭ ئىچى كېلىشىمى ۋە يەڭ سودىسىغا چىرىكلىك يوشۇرۇنغان. قانۇنچىلىققا ياتمايدىغان بۇ يەڭ سودىلىرى ئافغانىستاندىكى چىرىكلىكنىڭ مەنبەسى بولماقتا دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە