- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى تور پىتنە-پاساتچىلىقىغا زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى
2013.05.03 16:27
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرى، مۇخبىرنىڭ 2-چېسلا دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-پاسات تېرىش ۋە قەستەن پىتنە-پاسات تارقىتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. يېقىندا، گۇيجوۋدا ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-پاسات تېرىغان ۋە قەستەن پىتنە-پاسات تارقاتقان لى X قاتارلىق نەچچە ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپتۇ، پىتنە-پاسات تېرىغان، تارقاتقان بىر تۈركۈم مىكرو بىلوگلارنى تاقاپتۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئالاقىدارلارغا ئامانلىق ساقلاش بويىچە تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جازالارنى بېرىپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە