- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مۇگابى غەربنىڭ ئافرىقىغا قايتىپ بايلىق تالىشىشىدىن ئېھتىيات قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.05.06 14:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
زېنبابۇۋى پرىزىدېنتى مۇگابى تۈنۈگۈن ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ غەربتىكى ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا، ئافرىقىغا قايتىپ بايلىق بۇلاڭ تالاڭ قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مۇگابى مۇنداق دېدى: چەتئەل مەبلىغىغە يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدىغان دۆلەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىش بىلەن پەرقى يوق، ئافرىقا ئەللىرى ئۆزىنىڭ بىلىمى تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ بايلىقىنى ئېچىشى كېرەك.
مۇگابىنىڭ تۈرتكىسىدە، زىنبابۇۋى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەل مەبلىغىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى تېزلەتتى. زىنبابۇۋىدىكى چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىدىن %51 پاي ھوقۇقىنى شۇ جايدىكى كارخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆز يېرىنىڭ بايلىقىدىن ئۆز يېرىنىڭ خەلقىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە