- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاۋستىرىيەدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايونىدا تۇرۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلدى
2013.05.06 14:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى ئاۋستىرىيىكلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ داۋاملىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەۋەسىدە تۇرۇپ قېلىشىنى ھەمدە داۋاملىق ياۋرو ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
5-مايدىكى ئاۋسترىيە «ئالاقىچى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ياۋرو نۆۋەتتە خىلمۇ خىل قېيىنچىلىقلارغا يولۇققان ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد يوقكەن، ئەمما ئاۋسترىيە ئىستىمال تەتقىقاتخانىسى يېقىندا ۋاكالىتەن تەكشۈرگەن بىر دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، %14 تەكشۈرۈلگىچىلا ئاۋستىرىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلغان، ئاۋسترىيەنىڭ داۋاملىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەۋەسىدە قېلىشىنى تېخىمۇ پايدىلىق دەپ ھېسابلايدىغانلار تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ %60 نى ئىگىلىگەن. ئاۋسترىيەنىڭ دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى روبېتكا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش ئاۋسترىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا نىسبەتەن ئاپەت خاراكتېرلىك ئىش، ئۇ ئىشسىز نوپۇسنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە