باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قانداق قارايدۇ؟(1)

2013.05.06 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيەدە ئىچكى ئورۇش پارتلىغىنىغا خېلى ئوزۇن ۋاقىت بولدى، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كونا دۈشمىنى ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئىچكى ئۇرۇشىغا قانداق قارايدۇ؟ ئۇلار باشقىلارنى سوقۇشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى تاماشا كۆرمەكچىمۇ ياكى توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىماقچىمۇ؟ ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى تورى» 26-ئاپرىل ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئېچىپ بەردى.

  ئىسرائىلىيە سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ كەلدى، ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ھەپتىدە سۈرىيە بىلەن ئىسرائىيە ئوتتۇرىسىدا نەچچە قېتىم ۋەقە يۈز بەردى. گەرچە بۇ ۋەقەلەر بەك ئېغىر بولمىسىمۇ، لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەڭ نازوك گولان ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن، يەنە كىلىپ بۇ بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بىرىشى ئەمەس.

  ئەسەت تەختىن چۈشكەن ھامان، سۈرىيەمۇ ئارقىدىن پارچىلىنىشى، سۈرىيەنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىمۇ ئارقىدىن پارە-پارە بولۇپ كىتىشى مۇمكىن، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى چوڭ بىر تەھتىتنىڭ يەنى بىر مەيدان قاتتىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. سۈرىيەدە يەنە ئۈچ مىڭ راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار، بۇلار ئارقىلىق ئىسرائىلىيە چېگرىسىدىكى ھەرقانداق بىر ئورۇنغا زەربە بەرگىلى بولىدۇ. ئەسەت ئۇ ۋاقىتتا بۇلار ئارقىلىق يەنە داۋاملىق ئىسرائىلىيەگە تەھتىت سالالمايدۇ. لىكىن مىللىتارىسىت ۋە بۇ قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەن باشقا تەشكىلاتلار بەلكىم ئۇلارنى ئىشلىتىپ قىلىشى، ھەتتا ئىسرائىلىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىن.

  بۇلاردىن باشقا، ئەسەت يەنە ئاللا پارتىيەسى بىلەن ئىراننى قوللايدۇ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىسرائىليە بىلەن مۇتلەق چىقىشالمايدىغانلاردىن. ئەسەتنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئاللا پارتىيەسى يالغۇز قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئاللا پارتىيەسىنىڭ ئەسەتنى قوللىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۈرىيەدىكى رادىكال سۈننىي مەزغىپىدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ئەسەت ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئىسرائىلىيەدىن بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە