باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما مېكسىكا پىرېزېدېنتى بىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى(1)

2013.05.06 14:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزېدېنتى ئوباما 2-ماي مېكسىكىدىكى زىيارىتىنى باشلاپ، مېكسىكا پىرېزېدېنتى پېنا نىئېتو بىلەن بىخەتەرلىك، كۆچمەنلەر، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق قارالمىلار ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. تەھلىلچىلەر بىخەتەرلىك ۋە كۆچمەنلەر يەنىلا مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىساد قارالمىسىغا بولغان دىققىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىخەتەرلىك مەسىلىسى مېكسىكا-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى، مېكسىكىنىڭ سابىق پىرېزېدېنتى كالدىرون 2006-يىلى ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن مىسلىسىز زەھەر تازىلاش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردى، ئەمما زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ قاتتىق ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولدى، نۇرغۇن شەھەرلەر ۋە رايونلارنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ساراسىمىگە چۈشتى. شۇڭا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش-ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ باش تېمىسىغا ئايلاندى. مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى روبېرتو جىل ئۆتكەن ئون يىلدا، مېكسىكا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئاساسەن تەشكىللىك جىنايەتلەر، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا زەربە بېرىش مەسىلىسى بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى دېدى. نىئېتو ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مېكسىكا ھۆكۈمىتى تۈزگەن بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىپ، جىنايەت، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوبامامۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا مېكسىكىنىڭ زوراۋانلىقنى ئازايتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىنى قوللايدۇ شۇنداقلا زەھەر ئېھتىياجىنى ئازايتىش ۋە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى قورال-ياراق، نەق پۇل قانۇنسىز سودىسىغا زەربە بېرىش مەسىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جوسى لۇئىس ۋالدېس شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك ئىشلىرى-مېكسىكا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە باش تارتىشقا بولمايدىغان تېما، نىئېتو ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، يېڭى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى قوللاندى، ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ مېكسىكا بىلەن تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىدىغان بىر لايىھەنى قايتىدىن تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا تەۋەسىدە 11 مىليونچە قانۇنسىز كۆچمەن بار، بۇلارنىڭ نۇرغۇنى مېكسىكا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. بۇ تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، بۇلارنىڭ ئېنىقسىز سالاھىيىتى نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى، ھازىرقى كۆچمەنلەر سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختىماقتا. كۆچمەنلەر مەسىلىسى مۇشۇ سەۋەبتىن مېكسىكا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە