- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنبۇلاق يايلىقىدا تەڭرىتاغ كۆك بۆرىسى پەيدا بولدى
چارۋىچىلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى
2013.05.03 16:35 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنبۇلاق يايلىقى ئاققۇ كۆلى نامى بىلەن داڭلىق. ئەمما، قوي-كالىلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ كۆنۈپ قالغان ئاققۇلار بۈگۈنگە كەلگەندە بۆرىلەرنىڭ ھەمراھلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كۆل رايونىدا نۇرغۇن يىللار غايىپ بولغان بۆرىلەر قايتا پەيدا بولۇپ، يايلاقتىكى زىيانداش بولۇپ قالدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىل قىش كىرگەندىن بۇيان، بايىنبۇلاق يايلىقىدا بۆرە بوغۇۋەتكەن قوي-كالىلار 2423 تۇياققا يېتىپ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. ( مۇخبىر جاۋ چۇنخۇي)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە