- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
17-نۆۋەتلىك <<جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى>> غا ئېرىشكەنلەرنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
2013.05.03 16:38 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 2-ماي تېلېگراممىسى: 4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ما جيەنشيا قاتارلىق 27 نەپەر كىشى 17-نۆۋەتلىك <<جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى>> غا ئېرىشتى، شاڭخەي گارنىزون رايونى ئالاھىدە گارنىزون ئەترىتى 3-يىڭ 8-لىيەنى كوللېكتىپ <<جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى كوللېكتىپى>> مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ۋاڭ شۇيۈەن قاتارلىق بەش كىشى 17-نۆۋەتلىك <<جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى>> نىڭ ئىسمىنى ئاتاپ نامزات كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
سىچۈەن ئۆلكىسى لېيبو ناھىيەسى داپىڭزى يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى ما جيەنشيا (ئايال، يىزۇ)، لوپنور ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى ئاقچىكە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن تۇرسۇن قاتارلىق 27 نەپەر كىشى 17-نۆۋەتلىك <<جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى>> غا ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە