باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يائەندە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ

2013.05.03 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يائەن شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا تاشقىن مەزگىلدە كۆپ قېتىم، زىچ گىئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىش ئىھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يائەن شەھىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كىيىنكى گىئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك ئىشلەۋىتىپتۇ. تۈنۈگۈن سائەت 16گىچە، ھەرقايسى ناھىيە، رايونلار گىئولوگىيەلىك ئاپەت توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۋالمىغان.

  يائەن شەھەرلىك گىئولوگىيەلىك مۇھىتنى كۈزىتىش پونكىتىنىڭ باشلىقى ساڭ جىڭچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىلىك دۆلەت زۋمىن بايلىقى نازارىتى قارمىقىدىكى 19 ئىدارىدىن كەلگەن 342 مۇتەخەسىس بىلەن گىئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئورنىدىكى تېخنىكلار يائەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ كىلىپ، گىئولوگىيەلىك ئاپەت خىيىم-خەتىرىنى تەكشۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا تېخنىكا جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

  يائەن شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاستىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 30-ئاپرىلغىچە، يائەن شەھىرىدە گىئولوگىيەلىك يۇشۇرۇن ئاپەت خەۋپى بار جايدىن 2432سى بايقالغان، گىئولوگىيەلىك يۇشۇرۇن ئاپەت خەۋپى بار جايدىن يېڭىدىن 794ى كۆپەيگەن.

  يائەن يەنە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مەشقى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىيەلىنىش ساۋاتلىرى تەشۋىقات تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەندە جىددىي چىكىنىپ چىقىش يوللىرى ۋە خەتەردىن ساقلىنىش رايونلىرىنى پىشىشىق ئىگەللەش، ئاپەتنى تونۇش، ئاپەتتىن مۇداپىيەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈلدى. 2-مايغا قەدەر، پۈتۈن شەھەردە 490 قېتىم گىئولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىش مەشقى ئۆتكۈزۈلۈپ، 30مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}