باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ كاراچىدىكى سايلام ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

2013.05.06 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدىكى سايلام ئىشخانىسى تۈنۈگۈن زەنجىرسىمان پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئاز دېگەندە ئۈچ كىشى قازا قىلغان، 35 كىشى يارىلانغان.

  پاكىستاندىكى تالىبان بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى بىز سادىر قىلدۇق دەپ جاكارلىدى. پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بۇ قېتىمقى پارتىلىتىش ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەمدە پەرمان چۈشۈرۈپ دوختۇرخانىدىن يارىدارلارنى ياخشى داۋالاشنى تەلەپ قىلدى. مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئارتاف ھۈسەيىن بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە 5-ماي كاراچىدىكى قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە