تەڭرىتاغ تورىنىڭ قەشقەردىن بەرگەن خەۋىرى: 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «23-ئاپرېل» ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى قەشقەردە چاقىرىلدى. يىغىندا تۆھپىكارلار مۇكاپاتلاندى ھەمدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىر-ئاممىسى تېررورچىلارغا قارشى تۇرغۇچى قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىندى. بۇندىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە چاقىرىلغان «23-ئاپرېل» ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.(لى مىن فوتوسى ۋە خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)