باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پەلەستىن پىرېزىدېنتى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2013.05.07 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ماي خەلق سارىيىدا پەلەستىن پىرېزىدېنتى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە 4 تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى، پەلەستىن بىلەن بىرگە جۇڭگو پەلەستىن دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى بىلەن پەلەستىن خەلقى باشتىن ئاخىرى ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ياخشى دوست، ياخشى شېرىك، ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى، جۇڭگو پەلەستىن مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى، جۇڭگو پەلەستىننىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، يېزا ئىگىلىكى، مەبلەغ سېلىش، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت مائارىپ ساھەسى ۋە پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە بىرلىكتە يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، بۇ مەسىلە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملىشىپ ھەل بولماي، پەلەستىن خەلقىگە چوڭقۇر ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مالىمانچىلىق، ئارامسىزلىقنىڭ مۇھىم مەنبىيى بولۇپ قالدى، پەلەستىن خەلقنىڭ قانۇنلۇق مىللىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلمىدى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرمىغاندا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا پەلەستىن مەسىلىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ، پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇھىم گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ ھەل قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق 4 نۇقتىلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچ بىللە تۇرىشىدىن ئىبارەت بۇ توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم، 1967-يىلىدىكى چېگرىنى ئاساس، شەرقى ئېروسالىمنى پايتەخت قىلىش، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ــ پەلەستىن خەلقنىڭ دەخلى قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى، شۇنداقلا پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى ۋە مۇۋاپىق بىخەتەرلىكىگىمۇ تولۇق ھۆرمەت قىلىش لازىم.

  ئىككىنچى، سۆھبەتنى پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى قىلىش، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتى يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئالغا مېڭىشى لازىم، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توختىتىش، بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان زورۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش، غەززانى قامال قىلىشنى بىكار قىلىش، سولاپ قويۇلغان پەلەستىنلىكلەر مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت ھازىرلاش، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئومۇميۈزلۈك يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  ئۈچىنچى، زېمىن ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش پىرىنسىپىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش لازىم، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر زېمىن ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش پىرىنسىپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى، ئەرەب ئەللىرى تىنچلىق تەشەببۇسى قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش لازىم.

  خەلقئارا جەمئىيەت تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە جىددىيلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا تۇرۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال دەۋەت قىلىشى شۇنداقلا پەلەستىنگە ئادەم كۈچى بايلىقى تەربىيەلەش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللىشى سەمىمىي، چىن . جۇڭگو ئاۋۋالقىدەكلا پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللايدۇ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى يولى گەرچە ئەگرى توقاي بولسىمۇ ئەمما شۇنىڭغا ئىشنىمەنكى تىنچلىقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلىگەن شۇنداقلا قەتئىي بوشاشماي تىرىشىدىغانلا بولسا پەلەستىن خەلقى چوقۇم دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  ئابباس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىزچىل مۇستەھكەملىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، پەلەستىن جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد سودىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، پەلەستىن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پەلەستىنگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ئابباس پەلەستىن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ۋە پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي جەھەتتە ھەل قىلىش ئەڭ ياخشى شۇنداقلا بىردىن بىر چىقىش يولى، پەلەستىن تىنچلىقتىن ئىبارەت بۇ تاللاشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئاساسىدا، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئىزدىنىدۇ، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ــ ئىسرائىلىيە خەلقئارا كېلىشمگە راھىيە قىلىش، يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توختىتىپ،تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش. پەلەستىن ئىچكى جەھەتتىن يارىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەيدۇ، پەلەستىن جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە مەدەنىيەت ، مائارىپ ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئابباس شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭباپىڭسو، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن ۋېنيى قاتارلىقلار قاتناشتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە