- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.05.07 14:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى 4-ماي مۇنداق دېدى: مەن پاكىستان بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېقىندىن بۇيان چېگرا توقۇنۇشىنىدىن كېلىپ چىققان جىددىي مۇناسىۋەتنى تىنچ ۋە دوستانە ئۇسۇلدا پەسەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ ئافغانىستان تەۋەسىدە، بولۇپمۇ چېگرا رايونلاردا ھۇجۇم قوزغاشنى توختىتىشىنى، ئافغانىستاننىڭ زېمىن مەنپەئەتىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېقىندىن بۇيان چېگرا تالاش-تارتىش مەسىلىسىدە ئۆزلۈكسىز سۈركۈلۈش يۈز بەردى. 1-ماي كەچتە، ئافغانىستاننىڭ بىر چېگرا ساقچىسى ئىككى تەرەپ قىسىمىنىڭ توقۇنۇشىدا قازا قىلدى، پاكىستانلىق ئىككى ئەسكەر يارىلاندى. بۇندىن ئىلگىرى، ئافغانىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى پاكىستان چېگرا تالاش-تارتىش قىلغان رايوندا قاراۋۇلخانا تەسىس قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل جىددىيلەشكەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە