باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2013.05.07 15:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

6-ماي، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي مەيدانىدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)
  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 6-ماي تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ماي خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ ئابباسنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئابباس جۇڭگو ھۆكۈمىتىدە نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى دۆلەت باشلىقى.

  ئۇ ئابباس بىلەن تونۇشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ ئابباسنىڭ ئۆزىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىگە، سىچۈەن ئۆلكىسى لۇشەندە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتكەنلىگە رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئابباس پەلەستىننىڭ نوپۇزلۇق سىياسىيونى بولۇپ، باشتىن-ئاخىر تىنچلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەلەستىن خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە قوللىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. زۇڭتۇڭ ئابباس جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، سىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا ئىزچىل تۈرتكە بولۇپ كەلدىڭىز، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن زۇڭتۇڭ ئابباسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى جۇڭگو-پەلەستىن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شى جىنپىڭ يەنە زۇڭتۇڭ ئابباس بىلەن جۇڭگو-پەلەستىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئابباس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن ھازىرغىچە، پەلەستىن-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇستەھكەملەندى، ئىككى تەرەپنىڭ رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردىكى قارىشى بىردەك. بۇ قېتىمقى زىيارىتىم پەلەستىن-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىدىكى مەيداندا زۇڭتۇڭ ئابباسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە