باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىقتىساد دىپلوماتىيە ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋالدى(1)

2013.05.07 14:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 4-ماي رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ توكيوغا قايتىپ، ئىقتىساد دىپلوماتىيەسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ھەرىكىتىنى تاماملىدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرى ئابې شىنزۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىقتىساد دىپلوماتىيەسىنى قاناتيايدۇرۇش، تارىختا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان يۈزدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرگە زىيارەتكە بېرىشى ئاز ئۇچرايدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  ئابې شىنزۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان توققۇز دۆلەتتە تېزدىن زىيارەتتە بولۇشى ئىلگىركى باش ۋەزىرلەر ئارىسىدا ئاز كۆرۈلگەن ئىش. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئابې شىنزۇنىڭ بۇ قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نىشانى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بۇ نىشاننى ئورۇنلاش ئۈچۈن بىر قەدەر يۇقىرى قوللاش نىسبىتىغا ئېرىشىشى شەرت، شۇڭا ئىقتىساد دىپلوماتىيەنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ يۇقىرى قوللاشقا ئېرىشىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يول ئېچىش. ئابې شىنزۇنىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقنى ئىقتىساد دىپلوماتىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىدىغان جاي قىلىپ تاللىشى چوڭقۇر قاتلاملىق بولدى، ئېنېرگىيە دېگەن سۆز ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە باشتىن ئاياغ سىڭدۈرۈلدى، بۇنى بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە دىپلوماتىيىسى دېيىشكە بولىدۇ.

  ئېنېرگىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى نېفىت تەبىئىي گازى قاتارلىق ئېنېرگىيە ئېكسپورت چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ قوللاشى ئۈستىدە ئىزدىنىش. ئابې شىنزۇنىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم مەقسىتىنىڭ بىرى بايلىق دىپلوماتىيىسىنى پائال قاناتيايدۇرۇپ، بىر قەدەر تۆۋەن باھادا ئېنېرگىيەنىڭ مۇقىم تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش. ئابې شىنزۇ 29-ئاپرېل رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان پرىنسىپ ئاستىدا ھەمكارلىشىش جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا ياپونىيە نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى چوڭ دۆلەت. ياپونىيە 2011-يىلى بۇ ئىككى دۆلەتتىن ئىمپورت قىلغان نېفىت ئايرىم ئايرىم ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتى ۋە 23 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. ئابې شىنزۇغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە بارغان بىرەيلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ياپونىيەنىڭ ھاياتلىق لىنىيىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئابې شىنزۇ بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۇلارنىڭ ياپونىيەنى داۋاملىق مۇقىم نېفىت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە يادرو ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىنى سېتىش. گەرچە ئابې شىنزۇ يادرو ئېلېكتر تېخنىكىسى ئېكسپورتىنى ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بىر ھالقىسى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى ئېكسپورتى مەسىلىسى ئىزچىل تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغىدى. ياپونىيەنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك يېتەكچى فاڭجېنى بولغان ئېنېرگىيە ئاساسىي پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىش مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىدا، بەزى ئەزالار ئۆز دۆلىتىدىمۇ بىخەتەر بولمىغان يادرو ئېلېكتىرنى ئېكىسپورت قىلىشنىڭ ئۆزى ناھايىتى ھەيران قالارلىق ئىش دەپ ھېسابلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە