باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10 يۈەن جەرىمانە قىزىل چىراققا قارىماي ئېلىنغان قەدەملەرنى توختىتالامدۇ؟

2013.05.07 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھرىنىڭ ماتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلىكلەرنى تەرتىپكە سېلىش-تۈزەش ھەرىكىتى 2-باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. ماتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەر قىزىل چىراققا قارىماي يۈرسە قاتتىق جازاغا تارتىلىپ، قىزىل چىراققا قارىماي باشلامچىلىق بىلەن ماڭغانلاردىن، بولۇپمۇ باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان پىيادىلىكلەردىن 10 جەرىمانە ئېلىنىدۇ، ماتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن 20 يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ.

  يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، «بېيجىڭدا 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ ‹جۇڭگوچە تاشيولدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى›غا رەسمىي جەرىمانە قويۇلىدىكەن»

  دېگەن خەۋەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ قىزىق پاراڭ نۇقتىسىغا ئايلاندى. لېكىن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى مۇخبىرغا بۇ خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

  «جەرىمانە ئېلىش 5-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلانغىنى يوق.» قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 6-چىسىلا ئېلان قىلغان تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تولۇقسىز ئىستاتىستىكا بويىچە 4-ئايدا بېيجىڭ شەھرىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ماتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلىكلەردىن جەرىمانە ئېلىش 20 مىڭ قېتىمغا يىتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %48 ئاشقان. لېكىن، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قىزىل چىراققا قارىماي يۈرگەن پىيادىلىكلەرنى جازالاشقا دائىر ئايرىم سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلمىغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە