باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2013.05.07 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى،يىغىندا 2013-يىلى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەنە بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا بۇ يىل مەمۇرىي تۈزۈلمە، مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، باھا، خەلق تۇرمۇشى، شەھەر يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، پەن تېخنىكا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىسلاھاتنى كۈچەيتىش بېكىتىلدى، بىرىنچى، مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەستىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى ۋە مەبلەغ سالاھىيىتى ئىجازىتى قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىقلاش، تۈركۈملەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان مەمۇرىي ئىجازەتنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ئىجازەتسىز تەستىق تۈرىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرىنى تېزراق چىقىرىش. ئىككىنچى، ئاشكارا ، قېلىپلاشقان، مۇكەممەل خامچوت تۈزۈلمىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئورنىتىپ، خامچوت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسىنى بەرپا قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەتىرىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئۈچىنچى، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى تەدبىرىنى مۇقىم قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان مەشغۇلات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. تۆتىنچى، تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ،تارماق لىنىيەلىك تۆمۈر يول، شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول، مەبلەغ ئېچىش تىپىدىكى تۆمۈر يوللارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى ئالدى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىغا ئېچىۋېتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى غول لىنىيەلىك تۆمۈر يوللارغا سېلىشقا يېتەكلەش. بەشىنچى، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك، سۇ، گازغا پەلەمپەيسىمان باھا قويۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇ ئېلېكتىرنىڭ توردىكى باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لايىھەسىنى چىقىرىش. ئالتىنچى، داۋالاش، دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر يېزىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈش. يەتتىنچى، شەھەر بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئادەملەرنىڭ شەھەر بازار ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى تەتقىق قىلىش لازىم. سەككىزىنچى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىمغا ئېلىش ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىچىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يېتەكچى پىكرىنى چىقىرىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلىقلارنى ئىسلاھ قىلىش يېتەكچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. توققۇزىنچى، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۆزئارا ماسلاشقان يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، پەن تېخنىكا مەخسۇس زور تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئالدىن سىناق قىلىش سىياسىتىنىڭ سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەن تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى تۈركۈمدە 71 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئاساسىدا 62 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  يىغىندا يەنە دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى، دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرى، خادىملار ئىشتاتىنى بېكىتىش بەلگىلىمىسى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە