باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان ئاللا پارتىيەسى سۇرىيەنى قوغدىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.05.07 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان ئاللا پارتىيەسى سىياسىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم 4-ماي مۇنداق دېدى: ئەگەر سۇرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ياكى ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغان بولسا، لىۋان ئاللا پارتىيەسى سۇرىيەنى قوغداپ، سۇرىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئاللا پارتىيەسى سۇرىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىدىكى سەۋەب، سۇرىيەنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ كونترول قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇندىن سىرت، ئاللا پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى چېگرا رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان لىۋانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جاينى قوغداشتىن ئىبارەت.

  ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئاللا پارتىيەسى سۇرىيە كرىزىسىگە ۋە سۇرىيە خەلقىنىڭ تاللىشىغا ئارىلاشمايدۇ، شۇنداقلا سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرمىتى ۋە سىياسىي تۇرمۇشى قاتارلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىدنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە