باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يائەندىكى يەر تەۋرىگەن جايلار قېلىپلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

2013.05.06 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسىدە 20-ئاپرېل يەتتە بال قاتتىق يەر تەۋرەپ ھازىرغىچە 16 كۈن بولدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى تارقىتىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى زىددىيەت ۋە ماجىرالار بارغانسېرى كۆپەيدى. يائەن شەھىرى ئاممىنىڭ تەلىپىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئامانلىق ساقلاشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى پەسەيتىپ، ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى قېلىپلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 3-مايغىچە، يائەن شەھىرى 63 مىڭ 898 ئادەم قېتىم ساقچى، 12 مىڭ 989 ساقچى ماشىنىسىنى ئىشقا سالدى ھەم مەخسۇس ئامانلىق ساقلاش چارلاش ئەترىتى، خالىسانە چارلاش ئەترىتى، بىنالارغا قاراش ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئامانلىق ساقلاشقا قاتناشتۇرۇپ، ئاپەت بولغان جايلارنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى كۈچلۈك قوغدىدى. ئاپەتتىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپەت، قانۇن، ئەرزگە ئالاقىدار نۇقتىلىق ساھەلەردىكى زىددىيەت، ماجىرالار بارغانسېرى گەۋدىلىك بولدى. لۇشەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى يافېڭ مۇنداق دېدى: ئۆيلەر بۇزۇلۇش، ئۆرۈلۈشتىن پەيدا بولغان ئىجارە، ئۆي قەرزى، تەرەققىيات سودىگەرلىرى تاپشۇرۇشنى كەينىگە سۆرەش قاتارلىق ماجىرالار پات-پات يۈز بېرىۋاتىدۇ، 4-مايغىچە، ئون نەچچە جىنايى ئىشلار دېلوسى ياراشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىندى. لۇشەن ناھىيەسىدە، ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى، ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشچىلىقىدا، ئاپەتتىن كېيىنكى زىددىيەت، ماجىرالارنى بىرلىشىپ ياراشتۇرۇش مەركىزىي قۇرۇلۇپ، ياراشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى. ياشىڭ ناھىيەسىدە، زىددىيەت، ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش ئورگىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا قۇرۇلۇپ، كىچىك ئىشنى يوغىنىتىش، چوڭ ئىشنى بېجىرمەسلىكتىن ساقلاندى.

  چۈەنتيەن ناھىيەسىدە، ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى باش بولۇپ چۈەنتيەن ناھىيەلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قانۇن مۇلازىمىتى تەشۋىقات ئەترىتىنى قۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى، يىغىش نۇقتىسى ۋە ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كەنتلەرگە بېرىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتىكى يېڭى سىياسەت، نىزاملارنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلدى. خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئەلنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئەلنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، ئەلرايىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىشلىرى ياخشى قىلىندى. ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىدا، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق ئائىلىسىگە ئايلاندى. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، يائەن شەھىرى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، خاسلاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، مەھەللىچە مۇلازىمەت باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}