- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مالايسىيە چوڭ سايلىمى ئاخىرلاشتى
2013.05.06 15:28 مەنبە: خەلق تورى
مالايسىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك چوڭ سايلىمى شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە ئاخىرلاشتى. مالايسىيە سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك سايلامنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتى %80 كە يەتكەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. يەنە مالايسىيە سايلام كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى ھېسابلىغان بېلەت نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى مىللىي سېپى بۇ نۆۋەتلىك چوڭ سايلامدا يېڭىپ چىققان. (گېزىتمىزنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى يۈ جىڭخاۋ)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە