- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىل يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تولۇقلىمىسى 280 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
2013.05.07 14:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمى ۋە كاپالەت سەۋىيەسىنى بۇ يىل يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ھەر ئادەمگە يىلىغا 280 يۈەنگە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تولۇقلىما لايىھەسى يەنىمۇ سەرخىللىشىدۇ. سىياسەت دائىرىسىدە، كېسەلخانا ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %75 ئەتراپىغا يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ. سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش راسخوتى داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ئامبۇلاتورىيە تولۇقلىمىسىنىڭ سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە