باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك 6-ماي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.05.06 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك 6-ماي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنى پائالىيىتى جۇڭخۇا مىللەتلەر موزىيى شىمالىي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مىللىي ناخشا ئۇسۇل ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىش، ساغلاملىق ھەققىدە خالىسانە كېسەل كۆرۈش، قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى، مىللەتلەر خىزمىتى سۈرەت كۆرگەزمىسى، سەيلە ساياھەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، مىللەتلەر ناخشا ئۇسۇل پائالىيىتىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق كوچا مەھەللىلەر، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئىچكىرى جايلاردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدىن تاللانغان ئون ئاممىۋى ئەدەبىيات سەنئەت ئۆمىكى ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان، دۆلەت ئىچىدىكى ئاتاقلىق ئات باشلىق غېجەك ئۆمىكى ئويۇن قويۇشقا ئالايىتەن تەكلىپ قىلىنغان، جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە بىرلەشمە ئويۇنىمۇ قويۇلغان، 300 گە يېقىن ئارتىس قاتناشقان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ سوڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك 6-ماي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنى پائالىيىتى بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىجتىمائىي خىزمەت كومىتېتىنىڭ قوللىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر دوستلۇق ئۇيۇشمىسىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئاممىۋىي پاراۋانلىق، ئاممىۋىيلىك، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي مەدەنىيەت ماركىسى پائالىيىتى، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ــ پايتەختنىڭ مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمەت سەھنىسى ھازىرلاپ، بېيجىڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى پايتەختنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل، ئىناق يۇرت بەرپا قىلىش، بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەت بېيجىڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى ۋە پائال قاتنىشىشىغا ئېرىشتى، جەمئىي 20 ئاز مىللەتلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە