باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكلىرىنڭ سۈپىتى ياخشى(1)

2013.05.06 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2008-يىلى سەنلۇ سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ئىستېمالچىلار ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا يۈزلەندى ياكى چەتئەلدىن سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن بوۋاقلار سۈت پاراشوكلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى زادى قانداق؟ تۈنۈگۈن جۇڭگو سۈت مەھسۇلاتلىرى سانائىتى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكلىرىنىڭ سۈپىتى ئىمپورت قىلىنغان سۈت پاراشوكلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باھا جەھەتتە ئىمپورت قىلىنغان ماركىلارنىڭ باھاسى ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ماركىلاردىن بىر ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى.

  ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكلىرى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان سۈت پاراشوكلىرىنىڭ سۈپەت جەھەتتە زادى قانچىلىق پەرقى بار؟ جۇڭگو سۈت مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى يېقىندا 3-تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ، بېيجىڭ ھەمدە ئەتراپتىكى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلەرنىڭ بازارلىرىدىن 25 خىل ماركىدىكى بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىدىن بىردىن ئۆرنەك ئېلىپ تەكشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن 13 خىل ماركا، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن چەتئەلنىڭ 3 ماركىسى، چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان 9 مەھسۇلاتنىڭ تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى، جۈملىدىن ئاساسلىق ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى، مىكرو بىيو كۆرسەتكۈچى، مىنېرال ماددىلار كۆرسەتكۈچى، بۇلغىمىلارنىڭ چېكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى، مىكوتوكسىن چېكىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق 20 تۈر بار.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن 16 ماركا، جۈملىدىن ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ئېلىمىزنىڭ ۋە چەتئەلنىڭ ماركىلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئۆلچەمدىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە ئەمەلىي تەكشۈرۈش سانلىق قىممىتى ناھايىتى ياخشى بولغان. ئىمپورت قىلىنغان 9 مەھسۇلات ئىچىدە 3ى لاياقەتسىز بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەھسۇلاتنىڭ ھەتتا ئىككى كۆرسەتكۈچى لاياقەتسىز بولغان، يەنى سۈت قەنتىنىڭ كاربون سۇ بىرىكمىسىدىكى نىسبىتى ۋە كالتسىي-فوسفور نىسبىتى، باشقا ئىككى مەھسۇلاتنىڭ كالتسىي-فوسفور نىسبىتى لاياقەتسىز بولغان.

  جۇڭگو سۈت مەھسۇلاتلىرى سانائىتى جەمئىيىتى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئايان بولدىكى: ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار مەيلى ئېلىمىز ماركىلىرى بولسۇن، ياكى چەتئەل ماركىلىرى بولسۇن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردىن ياخشى ھەمدە باھا جەھەتتىن قارىغاندا، ئىمپورت قىلىنغان ماركىلارنىڭ باھاسى ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ئېلىمىز ماركىلىرىنىڭكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى.

  لاياقەتسىز ماركىلارنىڭ ئىسمى توغرىسىدا، جۇڭگو سۈت مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى سوڭ كۈنۋاڭ مۇنداق دېدى: بۇلار چوقۇم داڭلىق ماركىلار، لېكىن جەمئىيىتىمىز قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماق ئەمەس، شۇڭا سىرتقا كارخانىلارنىڭ ئىسىمىنى ئېلان قىلساق مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۈچ خىل ئۆرنەك مۇۋاپىق بولمىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى. لېكىن مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىشتا بىر تۈر ئۆلچەمگە يەتمىسىلا لاياقەتسىز بولىدۇ. جۇڭگو سۈت مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى مۇنداق دېدى: 4 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سۈتچىلىكىدە ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش، قانۇن-بەلگىلىمىلەردىكى ئۆلچەمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سۈت مەنبەسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش كۈچىنى زورايتىش ئارقىلىق بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە