باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىمالىي جۇڭگونىڭ يەر ئاستى سۈيى ناچارلىشىش ئەھۋالى 2015-يىلى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇلىدۇ(1)

2013.05.06 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا «شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر ئاستى سۇ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش، تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى»نى بىرلىكتە چىقاردى. لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2015-يىلى شىمالىي جۇڭگونىڭ يەر ئاستى سۇ سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىش ئەھۋالى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇلۇپ، شەھەر-بازارلاردا مەركەزلىك يەر ئاستى ئىچىملىك سۈيى مەنبەسىنىڭ سۈپەت ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. لايىھەنىڭ چىقىرىلىشى-ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش، تۈزەش خىزمىتىدە شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدە ئالدى بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدە ئېغىر مېتاللار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ساقلانغان، ئاساسلىق بۇلغىمىلار سىماب، خىروم، كادمىي، قوغۇشۇن بولۇپ، ئاساسلىقى تيەنجىن شەھىرى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى، تاڭشەن شەھىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپى ۋە سانائەت، كان كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان؛ قىسمەن جايلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىكى ئورگانىك بۇلغىمىلار بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئاساسلىق بۇلغىمىلار بېنزول، كاربون تېتراخلورىد، ترىخلوروئېتىلېن قاتارلىقلار ئىكەن، بۇلار ئاساسلىقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونى، خېبېينىڭ شىجياجۇاڭ، شىڭتەي، خەندەن شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن رايونى، دېجۇنىڭ شەرقى، شىمالىي خېنەن تۈزلەڭلىكى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. خەيخې ۋادىسىدىكى يەر ئۈستى سۈيىگە سىڭىپ كىرگەن كېرەكسىز سۇلار يەر ئاستى سۈيى بۇلغىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن. 2010-يىلى بۇ ۋادىغا چىقىرىلغان كېرەكسىز سۇنىڭ مىقدارى تۆت مىليارد 973 مىليون توننىغا يەتكەن، ئۆلچەمگە يەتمىگەن كەسمە يۈز نىسبىتى %60.6 بولغان، دەريا قىنى ئېغىر بۇلغىنىش، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش، ئۆلچەمگە يەتمىگەن تىرىلمە سۇ بىلەن سۇغىرىش قاتارلىقلار يەر ئاستى سۈيىنىڭ مۇھىتىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. نۇقتىلىق بۇلغىمىلارنى چىقىرىشمۇ يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبكە ئايلانغان.

  بۇندىن باشقا، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر ئاستى سۇ مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش يېتەرسىز، نازارەت تورى مۇكەممەل بولماسلىق، باشقۇرۇش تۈزۈمى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارمۇ يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قىسمەن شەھەرلەر ۋە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىپ، يەر ئاستى سۈيى ئىچىملىك مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، تەننەرخى يۇقىرى، دەۋرىيلىكى ئۇزۇن، ئەھۋالى كەسكىن. شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش، تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە جىددىي بولماقتا. نۆۋەتتە، يەر ئاستى سۈيى يەنىلا شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ مۇھىم ئىچىملىك سۇ مەنبەسى بولماقتا، خىزمەت لايىھەسىنى چىقىرىشتا، ئالدى بىلەن ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتىكى ئۇسۇللار يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن قېلىپلىق، مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش؛ يەر ئاستى سۈيى ئىچىملىك مەنبەسىنىڭ مۇھىتى ھەققىدىكى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش؛ يەر ئاستى سۈيى مەنبەسىنىڭ مۇھىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ بۇلغىما ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يەر ئاستى سۈيى مەنبەسىدىن تۈرگە ئايرىپ ساقلىنىش، تۈزەشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇقتىلىق بۆسۈش ياساپ، تەرتىپلىك تۈزەش ئۈچۈن، خىزمەت لايىھەسىدە، رايونغا ئايرىپ ساقلىنىش، تۈزەش خىزمەت تەپەككۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىكى ئېغىر مېتاللار ۋە ئورگانىك بۇلغىما قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئالدىن ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە