باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى ئۇچۇر سىستىمىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى

2013.05.06 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت زىمىنى بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى ئۇچۇر سىستىمىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ، چىگرا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى بار كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق پوستۇن پارتلىشىش ۋەقەسىدە ئاشكارىلانغان خىزمەت يوچۇقلىرىنى ھەل قىلىشقا بۇيرىغان.

  ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى تاموژنا ۋە چىگرا تەكشۈرۈش خادىملىرىغا دەل ۋاقتىدا، توغرا ۋىزا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى سىستىمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرى شۇكۈنى دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر پارچە ئىچكى ئەسلەتمىسىنى ئاشكارلىدى، بۇ ئەسلەتمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 2-ماي بارلىق چىگرا تەكشۈرگۈچى خادىملارغا ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى بار كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئەستايىدىل سىلىشتۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلار ۋىزىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بۇيرىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە