باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يائەندىكى ئاپەت بولغان جايلاردا ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولمىدى

2013.05.06 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يائەن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، يائەندىكى يەر تەۋرىگەن جايلاردا يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۇشتۇمتۇت ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى پەيدا بولمىغان. مۇھىت ئاسراش، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى، ئىچىملىك سۇ تازىلىقىنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ تازىلىقى، يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەنگەن.

  لۇشەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا سۇس دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى پەيدا بولدى، تاملارغا سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى تام گېزىتى، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى چاپلىنىپ، سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش ساۋاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى؛ ئەخلەت چېلەكلىرى رەتلىك تىزىلىپ، چېلەكلەرگە ئەخلەت توشۇپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمىدى؛ ۋاقىتلىق ھاجەتخانىلارمۇ خېلى پاكىز بولۇپ، بەك قويۇق غەيرىي پۇراقلار چىقمىدى، يائەن شەھىرىنىڭ سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. لۇشەن ناھىيەسىدە سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن ھەربىي مېدىتسىنا ئاكادېمىيەسى ئاممىۋى سەھىيە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۈەن جېڭچۈەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئاپەت بولغان جايلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار بالدۇرقى يىللار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولدى. ھازىرقى باسقۇچتىكى سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتى ئاساسلىقى كەنت ئائىلىلىرى، ئەترەتلەرگە كىرىپ سەھىيە ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تازىلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، روھىي يېتەكلەش خىزمىتى بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}