باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئارزۇسىلا بولىدىكەن، ياشلىق باھارى ئارمانسىز بولىدۇ

ـــ شى جىنپىڭنىڭ «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى ئىتتىپاق پائالىيىتىگە قاتنىشىش خاتىرىسى

2013.05.06 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ماي، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۆڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتخانىسىغا كېلىپ، ھەر ساھەدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئېكىسكۇرسىيە قىلىۋاتقان مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

  جۇڭگو ياشلىرىنىڭ شانلىق «4-ماي» بايرىمى كۈنىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ياشلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى بىلەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتخانسىىغا كېلىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياشلار دادىل بولايلى» دېگەن تېمىدىكى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بوشلۇق تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر ساھەدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزدى. ئۈچ سائەتكە يېقىن ئېكسكۇرسىيە ۋە سۆھبەت جەريانىدا، باش شۇجىنىڭ چىھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياشلارغا تەۋە بۇ كۈندە، ھەرقايسى جەڭ سېپىدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئورتاق تىرىشپ كۈرەش قىلىش، دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش توغرىسىدىكى ياشلىق تەسىراتلىرىنى ئاڭلىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.» دېدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە