باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن بېرىلىدىغان زىياپەت بىردەك ئورگان ئاشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2013.05.06 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىق ھۆكۈمەت پۇلىغا قىلىنىدىغان چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلىگەن. كادىرلار كاماندروپكىغا چىقسا بىردەك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەلگىلەنگەن مېھمانخانىلىرىغا ياتاققا چۈشكەن. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى مىنىستىرلىق بەنگۇڭتىڭى بىر تۇتاش باشقۇرغان. كۈتۈۋېلىش تامىقى بىردەك ئورگان ئاشخانىسىغا ياكى ئىچكى قىسىم مېھمانخانىسىغا تېجەشلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىل ئاخىرىسىدىكى ئىدارە-ئورۇنلار ئارا زىيارەت پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى كوللېكتىپ زىيارەت پائالىيەتلىرى ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە