باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىكى ھەر مىللەت ياشلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

2013.05.06 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 5 - ماي چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ھەر مىللەت ياشلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «4-ماي» دا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغان، 17- نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى» غا ئېرىشكەن لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى ئاقچىكە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىغا ۋاكالىتەن بېيجىڭغا بېرىپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىمنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشۈمنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدىم. باش شۇجىنىڭ «ياشلار قىيىنچىلىقتىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شارائىتى جاپالىق ئاساسىي قاتلام، دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپى، تۈرلەر بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىنقى سېپىدە دادىللىق بىلەن چېنىقىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دېگەن سۆزى مېنىڭ قەلبىمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى . كەنت ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گەرچە كەنت خىزمىتىنىڭ شارائىتى بىر قەدەر جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ئورنى مېنى چېنىقتۇردى، نەتىجىگە ئېرىشتۈردى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلامدا ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا، بىرلىكتە «جۇڭگو ئارزۇسى» نى روياپقا چىقىرىشقا يېتەكلەيمەن.

  باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يۈز-تۇرانە ئاڭلىغان، «2012-يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپ يىللىق شەخس»نامىغا ئېرىشكەن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2009-يىللىق يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈر ئەركىن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يۈز-تۇرانە ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايمەن. باش شۇجىنىڭ «ياشلار جەمئىيەتتىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە كىشىلەر توپى. شۇڭا ئۇلار يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىشى لازىم.» دېگەن سۆزى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن كەسپىي بىلىمىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئازسانلىق مىللەت يېزىقىدىكى يانفون يۇمشاق دېتالىدا يېڭىلىق يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

  شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ياش كادىرى ۋەكىلى، 12-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلار 4-ماي مېدالى»غا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېنژىنېرى شۈ خوڭيۈ مۇنداق دېدى: بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كېلىشتىكى ئارزۇيۇم دۆلەت ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا كېلىپ، چېنىقىپ، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، قىممىتىمنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت. ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرۈپ، بۇ تەرەققىياتلارغا قاتنىشالىغىنىمدىن ئۆزەمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن شۇنداقلا ئارزۇيۇمنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.

  سىتودىنت ۋەكىلى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىدىيەسى ئىنىستىتوتى 2011-يىللىق ئاسپىرانتى ئەكبەر ئەركىن مۇنداق دېدى: ياشلىق ئۆگىنىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى. ياشلىقنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارى «جۇڭگو ئارزۇسى» نىڭ روياپقا چىقىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆگىنىشنى مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم بۇرچ، بىر خىل روھىي ئۈمىد، بىر خىل تۇرمۇش شەكلى دەپ بىلىپ، ئارزۇيىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدەك ئاڭنى شەكىللەندۈرىشىمىز كېرەك.

  يىغىن ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات ۋە ياش ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «4-ماي» دا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ياشلىقىنى گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا، «جۇڭگو ئارزۇسى» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاتىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئۈرۈمچى خەۋىرى/ ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە