باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى يولغا قويۇلدى

2013.05.06 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر پىراۋىدىن بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ماشىنا ئۈچۈن نومۇر تارتىشقا بولىدۇ
  يېڭى قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى يولغا قويۇلدى، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆز پىراۋىسىنى كۆرسەتكەنلەر قارا تىزىملىككە ئېلىنىدۇ، بىر پىراۋىدىن بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ماشىنا ئۈچۈن نومۇر تارتىشقا بولىدۇ.

  بەزى ماشىنا ئىگىلىرى ئۆز نامىدىكى ماشىنىدىن تارتىلىدىغان نومۇر 12گە يىتىپ، قايتا تەربىيەلىنىشكە توغرا كەلگەندىمۇ قىلچە تەمتىرىمەستىن كولىنىدىغان نومۇرنىڭ بىر قىسمىنى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ پىراۋىسىدىن كولاتقۇزۇش ئارقىلىق بىخەتەرلىك سىزىقىدىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈۋالىدۇ. بۇ نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكەن ئامال. لېكىن بۇ ئامال بۇندىن كېيىن ئاقمايدىغان بولدى. ج خ مىنىستىرلىكى نۆۋەتتە يولغا قويغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى بەلگىلىمىسى بويىچە، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىر ماشىنىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ پىراۋىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ، بىر پىراۋىدىن بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ماشىنا ئۈچۈن نومۇر تارتىشقا بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئورنىدا پىراۋىسىدىن نومۇر كولاتقۇزۇش قىلمىشىغىمۇ چەك قويۇلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە