باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئالىملىرى راكقا قارشى خىمىيەلىك بىرىكمە بايقىدى

2013.05.06 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى شاڭخەي بيو پەن تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوزۇقلۇق ئىلمى تەتقىقاتخانىسى ۋاڭ خۇي تەتقىقات گۇرۇپپىسى شاڭخەي ئىككىنچى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى جاڭ ۋېيدۇڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە دورا ئۆسۈملۈكى قارا ئەندىزدىن (lnula japonica) ئايرىۋىلىنغان ماددا ئىچىدىن ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى روشەن، قوش ھەسسىلىك يېرىم تېرپىن ئىچكى ئېستىرى تۈرىدىكى تەبىئىي ماددا ــ قوش قارا ئەندىز ئىچكى ئېستىرىنى ئايرىپ چىققان ھەمدە باھالاپ بېكىتكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تەبىئىي ماددا Japonicone A (قوش قارا ئەندىز ئىچكى ئېستىرى) دورىسى لىمفا ئۆسمىسى ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يۆتكىلىشىنى روشەن توسىيالايدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى نۆۋەتتە خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال Clinical Cancer Research ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. (ۋۇ يۆخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە