باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدىن بۇ يىللىق ئىسلاھاتقا نەزەر

2013.05.07 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى،يىغىندا 2013-يىلى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يىغىندا بۇ يىل مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسى، مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، باھا، خەلق تۇرمۇشى، شەھەر يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، پەن تېخنىكا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىسلاھاتنى كۈچەيتىش بېكىتىلدى.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك: ئاجىز ھالقىلارنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىقنى ئاشۇرۇش، ئالايلۇق مەمۇرىي تەستىق، خامچوت، ئۆسۈمنى بازارلاشتۇرۇش، تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلاردا نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەر قاراتمىلىق ھەل قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئارزۇسىغا ماس كەلدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى نامايەن قىلىندى.

  ۋاڭ جۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىسلاھاتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئىجادچانلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ،ئۇنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلىي خىزمەتتە قول تۇتۇپ ئىشلەش، ئاۋام ئۇنىڭغا قانداق قاتنىشىشنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىپتۇ، ئالايلۇق يىغىندا تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا: تارماق لىنىيەلىك تۆمۈر يول، شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول، بايلىق ئېچىش تىپىدىكى تۆمۈر يوللارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى ئالدى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىغا ئېچىۋېتىش كېرەك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئەل ئارىسى كاپىتالىنىڭ تۆمۈر يول ساھەسىگە كىرىشىگە چوڭ ئىشىك، يول ئېچىپ بەردى.

  مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى تۈركۈمدە 71 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئاساسىدا 62 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ. مالىيە باج ساھەسى ئىسلاھاتى جەھەتتە يىغىندا ئاشكارا ، قېلىپلاشقان، مۇكەممەل خامچوت تۈزۈلمىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئورنىتىپ، خامچوت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسىنى بەرپا قىلىپ، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ساھەسىدە يىغىندا پايدا، پېرىۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى تەدبىرىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان مەشغۇلات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە بۆلىمىنىڭ باشلىقى جيا كاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئىسلاھاتنىڭ يادروسى ــ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، بازارلىشىش ئالاھىدىلىكى ناھايىتى روشەن.

  نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتى كۈچى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بۇنىڭ يىلتىزى بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسى رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئېنىق قىلىپ: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يادرولۇق مەسىلە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىدا مەسىلە ھۆكۈمەتتە، ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپى، مالىيە باج تۈزۈلمىسى ھۆكۈمەت فۇنكىسيەسىگە، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزىنىڭ بىرى.

  جۇڭگو خەينەن ئىسلاھات تەرەققىيات ئورنىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن مۇنداق دېدى: ئىشنى ھۆكۈمەت ھوقۇقىدىن باشلاش ئىنتايىن قىيىن، ئەمما بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى، مالىيە باج تۈزۈامى ۋە ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق ، ھۆكۈمەت فۇنكىسىيەسىنى ياخشى بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش ۋە ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتكە قارىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھاياتى كۈچىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك، سۇ، گازغا پەلەمپەيسىمان باھا قويۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش، دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى تەتقىق قىلىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ئاممىۋىي مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىمغا ئېلىش ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۆزئارا ماسلاشقان يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ھەم بۇ يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەم كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسىي، تەرەققىياتنىڭ كېيىنكى كۈچىنى ئاشۇرۇش ــ دۆلەت ئىشلىرى مەھكمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ يىللىق ئىسلاھاتتىكى يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىك، كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە بۇ يىللىق ئىسلاھاتنى كونكېرت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزدىن چىقىرىش لازىم، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە قوزغىتىلىدىغانلىقىغا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا بۇرۇلۇش ياساش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىن چوڭ ئۈمىد بارلىقىغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز بار بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە