باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1–پەسىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى

2013.05.07 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇڭ شياۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ، 1 – پەسىلدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 – پەسىلدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى بىر قەدەر ياخشى بولدى. ئاپتونوم رايون 1 – پەسىلدە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات ئەۋرىشكىسىدىن 2956نى، چارۋا مال، قۇش مەھسۇلاتلىرى ئەۋرىشكىسىدىن 1189نى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئەۋرىشكىسىدىن 387نى، كۆكتات ئەۋرىشكىسىدىن 1380نى ئارىلاپ تەكشۈردى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە چارۋا مال، قۇش مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100بولغان. چارۋا مال، قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.51 ئاشقان، سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.33 ئۆرلىگەن؛ سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرما نىسبىتى جەھەتتە تەڭلەشكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر قىشتا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆكتات تەمىنلەشكە يېتىشمىگەنلىكتىن، كۆپ قىسىم كۆكتات سىرتتىن ئەكەلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايوندىكى كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك سەۋىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش بويىچە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ‹‹2012–GB2763››كەئاساسلانغانلىقتىن، ئاپتونوم رايوندىكى كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %93.55كە چۈشۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.05تۆۋەنلىگەن، سېلىشتۇرما نىسبىتى %1.67 چۈشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە