- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا مەمۇر تولۇقلاش باشلاندى
كۆپىنچە خىزمەت ئورنى چەت-ياقا، شارائىتى جاپالىق رايونلاردا
2013.05.07 15:45 مەنبە: خەلق تورى
2013-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قۇبۇل قىلىش، تولۇقلاپ قۇبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى 6-چىسىلا باشلاندى. ئىمتاھان ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە 2013-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قۇبۇل قىلىش، تولۇقلاپ قۇبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى، يەنى 2-قېتىملىق تەڭشەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 552 مەمۇر قۇبۇل قىلىنىدىغان 381 ئورۇن 2-قېتىملىق تەڭشەشكە قاتناشتۇرۇلىدىكەن. بۇ ئورۇنلار ئاساسلىقى شارائىتى جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا ۋە كەسپىي ئالاھىدە ئورۇنلار ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە